Domain: گىئولوگىيەبىر خىل ئاينىغان جىنس. ھاك تاش، دولومىت قاتارلىقلار تېگىپ ئاينىش ياكى رايونلۇق ئاينىش تەسىرىدە قايتا كرىستاللىنىپ پەيدا بولىدۇ. ئاساسىي مىنېرال تەركىبى كالتسىت. تۇز كىسلاتاسىدا كۆپۈكلىنىدۇ. تەڭ دانلىق ياكى تەڭسىز دانلىق ئاينغىان كرىستاللىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، دانچىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە ئاق ۋە باشقا رەڭدىكى ئارىلاشمىلار نەتىجىسىدە ھەرخىل رەڭلىك بولىدۇ. مەرمەرنى سىلىقلىغاندىن كېيىن بەك چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. شۇڭا قۇرۇلۇش، ھەيكەلتاراشلىق ۋە زىننەتلەشتە ماتېرىيال قىلىنىدۇ.