UyghurMain Dictionary
مەركەز پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
<كاتولىك دىنى مەركەز پارتىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە كاتولىك چېركاۋى پارتىيىسى. 1870-يىلى پرۇيسسىيە فېدېراتسىيىسى پارلامېنتى بىلەن گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى پارلامېنتى پارتىيە ئۆمىكىدىن تەشكىل قىلىنغان. پارتىيە ئۆمىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورنى پارلامېنت زالىنىڭ مەركىزىدە بولغاچقا مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. گېرمانىيىنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى پومېشچىكلار ۋە چوڭ بۇردۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. تەركىبى مۇرەككەپ، سىياسىي پروگراممىسى كونسېرۋاتىپ ئىدى. ھەرقايسى فېدېرراتسىيىلەرنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش مەسلىكى ۋە پرۇسسىيىگە قارشى خاھىشتا ئىدى. كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قالاق ئىشچى - دېھقانلار ئاممىسى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرى بار ئىدى. 1871 - 1876-يىللىرى بىسمارك ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، بىسمارك مەركەز پارتىيىسىگە قارشى بولغان <مەدەنىيەت كۈرىشى> قانات يايدۇرۇپ، بۇ كۈرەشنى مۇرەسسە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانىدى. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەرەققىي قىلىپ ئىمپېرىيە پارلامېنتى پارتىيە ئۆمەكلىرى ئىچىدە ئادەم سانى ئەڭ كۆپ پارتىيىگە ئايلانغان. 1909-يىلى بېتمان. ھوللۋېگ باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، كونسېرۋاتىپلا پارتىيىسى بىلەن ئەكسىيەتچىل تۆمۈر كۆكلەر ئىتتىپاقى تۈزۈپ، بارلىق ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغان. 1918-يىلى گېرمانىيە نويابر ئىنقىلابىدىن كېيىن، <خرىستىئان خەلق پارتىيىسى> قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بۇرۇنقى نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1933-يىلى تارقىلىپ كەتكەن. مەركىزىي ئورگان گېزىتى - <گېرمانىيە گېزىتى> ئىدى.