UyghurMain Dictionary
مەرھۇم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رەھىم قىلىنغۇچى، ئەپۇ قىلىنغۇچى.
ئۆلگەن كىشى ھەققىدە ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان سۆز.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆلۈپ كەتكەن، ئالەمدىن ئۆتكەن (ئۆلگەن كىشىنى ئاتاپ ئېيتىلىدىغان سۆز).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاپات بولغان كىشى.
<مۈتىۋەپپا> قىرقى توشمىغانغا قارىتا ئېيتىلىدۇ.
مەرھۇم ئابدۇكېرىم خوجا ياخشى شائىر ئىدى. ئۆلگەن ئادەم رەھمەتلىك. رەھمەتلىك ئانام بولسا، بۇ كۈنگە قالماس ئىدىم. مۈتىۋەپپا ھامۇت مۇھەممىدىنىڭ نامىزىغا باردىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشى، ئۆلگەن ئادەم.
كىمدۇر بىرى مەرھۇمنىڭ روھىنى مەندىنمۇ چوڭقۇرراق ھۆرمەتلىسە كېرەك.
سۈپ. ۋاپات بولۇپ كەتكەن، رەھمەتلىك، رەھمىتى.
مەرھۇم ئاتام.