UyghurMain Dictionary
مەرد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەر.
جەسۇر، باتۇر:
سېخىي، ھىممەتلىك:
2. ئۇلرغا دېدى: مەنكى تۇججار ئىدىم،
بۇ ئالەم ئارا مەرد سەييار ئىدىم.
ئا. نىزارى.
3. كى بىرەر مەرد جەرراھنىڭ خانەسى،
فەرەڭى ھەكىم بەيت - كاشانەسى.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەرد؛ ئەر، ئەر كىشى؛ باتۇر؛ غەيرەتلىك ۋە ھىممەتلىك كىشى؛ مەردىنە - ئەرلىك، ئەرەنلىك؛ مەردى كوجار - چوڭ ئەر كىشى؛ مەرد ھەكىم - بىلگىر، ئەۋلىيا؛ مەرد باز - بۇزۇق خوتۇن، ئەرسەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىلىي - جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن، خەۋپ - خەتەر، ئۆلۈم - يېتىم، قىيىنپىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان شەخس.
خەلق باتۇرى. بارغا باتۇر. باتۇر بولسا بالىسى، يايراپ كېتەر ئانىسى. كۈرەش قەھرىمانى. ئەمگەك قەھرىمانى ئۆزبۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ئادەم ھەقىقىي قەھرىمان. قەيسەر قارىغاي سوغۇققا پىسەنت قىلمايدۇ. ئازابنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور كېلىشمەسلىك دەپ قارايدىغانلار جەسۇر بولالمايدۇ. جەسۇر ئادەم ئۆز ھېسىياتىغا قۇل بولمايدۇ. مەردنى مەيداندا كۆر. غەيۇر يىگىت زوراۋاندىن قورقمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچنېمىدىن ئايانمايدىغان، قورقۇنچسىز.
مەردنى مەيداندا كۆر. مەردنىڭ قولىغا لاچىن قونار. ئېگىلمەس كۆڭۈلنى مەردانە ئېگىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سېخىي ۋە باتۇر.
نامەرد
سېخىمۇ ئەمەس، باتۇرمۇ ئەمەس.
مەردنى مەيداندا سىنا. مەرد يېڭىلسە، مەيداندا قالىدۇ. مەرداننىڭ قولىغا لاچىن قونار. باي بولۇپ ۋىجدانىڭنى يوقاتقۇچە، گاداي بولساڭمۇ مەردانە بول. نامەردكە سوزساڭ بوينۇڭنى، پۈچەك ياڭاققا تولدۇرىدۇ قوينۇڭنى. مەرد يوقلۇقنى بىلىندۈرمەس، تۇلپار ئاچلىقنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئېيتقان گېپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان، ئۆز گېپىگە ئىگە بولىدىغان.
مەرد ئادەم.
مەردنى مەيداندا سىنا (ماقال).
قورقۇشنى بىلمەيدىغان، قورقماس، باتۇر، يۈرەكلىك، مەردانە.
مەرد ئوغلانلار.
مەرد بولساڭ مەيدانغا چىق (ماقال).
پۇلنى دوست تۇتمايدىغان، قولى ئوچۇق؛ سېخىي.
مەرد يىگىت. مەرد كىشى.
مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن (ماقال).