UyghurMain Dictionary
مەقسۇد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەقسەت، ئارزۇ، مۇراد:
كېرەك مەقسۇد ئۈچۈن كۆپ سەبر قىلماق،
ياراشماس ئۇشبۇ يولدا سەبر ئازى.
ھاپىز خارەزمى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەقسەت قىلىنغان، قەست ئېتىلگەن، ئارزۇ ئېتىلگەن نەرسە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. مەقسەت، مۇددىئا، مۇراد.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەخسۇت
كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن، ئارزۇ قىلغان، مەقسەت قىلغان، تىلىگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
خالىغان، ئارزۇ قىلغان بالا. باشقا شەكىللىرى: مەقسۇدجان، مەقسۇدخان.