UyghurMain Dictionary
مەنزەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆرۈنۈش، شەكىل:
كۆزىتىدىغان، نەزەر سالىدىغان جاي، بالكۇن:
1. يمەن خانى رەفىئ فەررۇخى ئەختەر،
ئەدەن خانى بەدىئ خۇبى مەنزەر.
لۇتقى.
2. سەراۋۇ باغۇ ئايۋان بىرلە مەنزەر،
ئىماراتىكى جەننەتكە بەرابەر.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆرۈنۈش، سۈرەت، شەكىل؛ لياڭتەي، بالكون، ئايۋان، سەگۈندىلىك؛ كۈزىتىش ئورنى، كۈزەتجاي، قارايدىغان يەر. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: سەراۋۇ باغۇ ئايۋان بىرلە مەنزەر، ئىماراتىكى جەننەتكە بەرابەر. (زەلىلى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى قەۋەت ئاددىي ئۆينىڭ ئۈستىنكى قەۋىتى.
بالىخانىغا باي خوتۇن چىقمىسۇن. مېھماننى مەنزەرگە باشلا، مەنزىرىنى تاماشا قىلسۇن.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
بالىخانا (ئاددى سېلىنغان ئىمارەتنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ئۆي)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بالكون؛ بالخانا.
بىر كۈنى ئۇ مەنزەردىن كوچىغا قاراپ تۇراتتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تاشقى كۆرۈنۈش، سۈرەت