UyghurMain Dictionary
مەنىۋى مەدەنىيەت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پەلسەپە
ماددىي مەدەنىيەتنىڭ سېلىشتۇرمىسى، يەنى كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىنى ئۆزگەرتىشى، ئىجتىمائىي مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنىڭ تەرەققىي تاپقانلىقىدا ۋە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى، سىياسىي، ئەخلاقىي سەۋىيسىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.