UyghurMain Dictionary
مەنسۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نۇسرەتكە ئېرىشكەن، غالىب:
ئىئانەت ئەيلەگيسەن ئەھمەدار بىز ئاسىي ئۈممەتكە،
خۇدادىن ئكزگە سەندىن ئۆزگە يوقتۇر ناسىرى مەنسۇر.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يەڭگۈچى، غالىپ، نۇسرەت بېرىلگۈچى، ئۈستۈنلۈك قازانغۇچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چېچىلغان، تارالغان، چېچىلاڭغۇ؛ شېئىر قىلىپ ئېيتىلغان، ئەمما ئۆلچەمگە سېلىنمىغان سۆزلەر.
دۇنيا تارىخى
(707 - 775)، ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى (754 - 775). ئەسلى نامى ئەبۇ جاپپار بولسىمۇ، ئۆزىنى مەنسۇر (<غالىب> دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىۋالغان. مىلادى 754-يىلى ئاكىسى ئەبۇل ئابباسنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ خەلىپە بولغان ۋە خەلىپىلىك ئورنىنى تالاشقان تاغىسى (سۈرىيە باش ۋالىيسى) نى يەڭگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ھوقۇق - كۈچى بەك ئېشىپ كەتكەن گېنېرال ئەبۇ مۇسلىمنى ئۆلتۈرگەن، ئىلگىرى - ئاخىر سىنباد، پىرسىيە راۋاندىياخلار، شىئەلەر، خاۋارىجلار ۋە زورۇئاستىر مۇرتلىرى قاتالىقلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرغان. سىرتقا قارىتا، كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى تەبەرىستاننى ۋە ئافغانىستاندىكى قەندىھارنى يۇتۇۋالغان. 762-يىلى باغداتتا پايتەخت قۇرغان. دۆلەت باشقۇرۇش ئۈچۈن ۋەزىر ئەمىلىنى تەسىس قىلغان. مەمۇرىي ۋە مالىيە ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىپ، سودا ۋە قول سانائەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھەقىقىي ئاساس سالغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ماڭسۇر، مەڭسۇر
ياردەمگە ئېرىشكۈچى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ئۈستۈن تۇرغۇچى، غالىپ، زەپەر قۇچقۇچى. باشقا شەكىللىرى: مەنسۇرباي، مەنسۇرجان، مەنسۇرخان.