UyghurMain Dictionary
مەن لا يەستەھزىرۇھۇ فەقىھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپى ھۆرمەت قىلىدىغان تۆت ھەدىس شېرىپنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى مۇھەممەد بىننى ئەلى بىننى بابۇيە قۇممى (؟ - 991 ياكى 992) توپلاپ تۈزگەن. بۇ كىتابقا ئالتە مىڭدىن ئارتۇق (بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە 9044) ھەدىس كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۆت مىڭدىن ئارتۇق ھەدىسنىڭ مۇكەممەل ئىسنادى بار. بۇ كىتاب 1324 - يىلى تېھراندا نەشر قىلىندى. ئەرەب ۋە پارس تىلىدا تەپسىر قىلىندى. تەپسىرنى مۇھەممەد تەكى مەجلىسى ئىشلىدى.