Chinese→UyghurMain Dictionary
孟佐尼
دۇنيا تارىخى
مانزونى
(1785 - 1873) ئىتالىيىلىك يازغۇچى ۋە شائىر. مىلاندىكى بىر ئاقسۆڭەكە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇرۇنلار ئانىسىغا ئەگىشىپ پارىژغا بارغان ۋە ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرەەن. 1807-يىلى ئىتالىيىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ <ئەركىنلىك غەلىبىسى> ناملىق شېئىرىدا فرانسىيە بۇردۇئازىيە ئىنقىلابىنى مەدھىيىلىگەن. كېيىن كاتولىك دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ <مۇقەددەس غەزەل> ناملىق شدئىرنى يازغان. ئۇنىڭ تارىخىي رومانى <توي قىلىشقا ۋەدىلەشكەن قىز - يىگىت> ى ئىتالىيىنىڭ يېڭى ئەدەبىيات شەكلىنى ياراتقان. بۇ مەشھۇر ئەسەردە ⅦⅩ ئەسىردىكى ئىتالىيىدىكى يات مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى فېئودال كۈچلەرنىڭ قوش زۇلمى ئاستىدا قالغان ئوتتۇرا، تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلقلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىپ، ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئىتالىيە مىللەتلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىش ۋە مۇستەقىللىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ كىتاب ئىتالىيە پروزىچىلىق ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ئۈلگىسى ھەمدە ياۋروپا ⅨⅩ ئەسىردىكى رومانتىزم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. تراگېدىيىلىك ئەسەلىرى <گراف كامانورا> ۋە <ئادېلىز> ئىتالىيە رومانتىزم ئەدەبىياتىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. <1821-يىلى 3-ئاي>، <5-ماي> ناملىق لىرىكىلىق شېئىرلارنى ۋە <رومانىتىزم توغرىسىدا ناملىق نەزەرىيىۋى شېئىرلارنى ۋە >رومانىتىزم توغرىسىدا< ناملىق لىرىكىلىق شېئىرلارنى ۋە >رومانىتىزم توغرىسىدا< ناملىق نەزەرىيىۋى ئەسەرلەرنى يازغان.