Uyghur←ChineseMain Dictionary
مەندەب بوغۇزى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر曼德海峡
màn dé hǎi xiá
قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، كەڭلىكى 32 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان يېرىم ئارىلى ئۇنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ. پېرىم ئارىلى بىلەن ئافرىقا ئارىلىقىدىكى قىسمىنىڭ كەڭلىكى 25.8 كىلومېتىر بولۇپ، چوڭۇ بوغۇز دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنڭى چوڭقۇرلۇقى 311 مېتىر كېلىدۇ. پېرىم ئارىلى بىلەن ئەرەبىستان پېرىم ئارىلى ئارىلىقىدىكى قىسمىنىڭ كەڭلىكى 3.2 كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى 29 مېتىر بولۇپ، كىچىك بوغۇز دەپ ئاتىلىدۇ. چوڭ بوغۇز قىسمىدا يەتتە ئارالدىن تەركىب تاپقان ئاراللار گۇرۇپپىسى بار، بۇلارنى <يەتتە ئاچا - سىڭىل ئاراللىرى> دەپ ئاتايدۇ. مەندەب بوغۇزىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان ئارىلىقىدىكى مۇھىم دېڭىز قاتناش تۈگۈنى، ئاسىيادىن ئافرىقىنىڭ شەرقىي رايونلىرىدىن ياۋروپاغا بارماقچى بولغان پاراخوتلارنىڭ كۆپى مۇشۇ يولنى بېسىپ ئۆتىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.