UyghurMain Dictionary
مەمۇرىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەمۇرىيەتكە دائىر، ھەربىيگە نىسبەتەن.
مەمۇرىي ئورگانلاردىكى تەرجىمانلارنىڭ ئۇنۋانىنى بېكىتىش ئۇتۇقلۇق تۈگىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۈلكىي ئەمەلداردىن قويۇلغان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پۇقرالىق ئىشقا دائىر، مەلكىي ئەمەلدار، مەمۇرىي تۈزۈم
ھەربىي
قوراللىق كۈچكە دائىر، ھەربىي ئەمەلدار، ھەربىي تۈزۈم
يېقىندا ھەربىي - مۈلكىي كادىرلار بىرلەشمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەمۇرىي ئورگانلاردا ھەپتىسىگە 40 سائەتلىك ئىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
مەمۇرىيەتكە دائىر، باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان.
مەمۇرىي بۆلۈم. مەمۇرىي خىزمەت. مەمۇرىي ھوقۇق. مەمۇرىي تارماق. مەمۇرىي كادىر.
مەمۇرىيەت يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان، ئىجرا قىلىنىدىغان.
مەمۇرىي چارە. مەمۇرىي جازا.