Uyghur←ChineseMain Dictionary
مەملىكەتلىك ئىسلاھات ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
全国改革同盟
quán guó gǎi gé tóng méng
ئەنگلىيىدە ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق پارلامېنت ئىسلاھاتاى مەزگىلىدە قۇرۇلغان، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى تەشكىلات. 1865 - 1869-يىللىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئەزالىرى ئىشچىلاردىن باشقا ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى ياقلايدىغان بۇردۇئا رادىكاللىرى بولۇپ، ئىشچىلار سىنىپى بىلەن پارلامېنت ئىسلاھاتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بۇرژۇئا رادىكالىرىنىڭ ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت. ماركسىزم تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ياچېيكىلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سايلام ئىسلاھاتى ھەرىكىتى ئۈچۈن كەڭ تەرغىبات خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.