UyghurMain Dictionary
مەلۇمچى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس خان ئوردىسىدىن، خاننىڭ ھۇزۇرىغا كىرگۈچى كىشىنىڭ ئوردىغا كىرىش ئىلتىماسىنى خانغا مەلۇم قىلغۇچى ياكى خاننىڭ بىر كىمنى ئۆز ھوزۇرىغا كىرىشكە چاقىرغانلىق ئىجازىتىنى چاقىرىلغۇچى كىشىگە مەلۇم قىلىپ تۇرىدىغان ئادەم، ئەمەلدار.
تەيجى ۋاڭنىڭ مەلۇمچىسىگە ئەھۋالنى ئېيتىپ، ۋاڭ ھۇزۇرىغا كىرىش ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇدى.
خاننىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ، خاننىڭ يارلىقى، ئەمر - پەرمانلىرىنى بىۋاستە ئاڭلاپ، ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلارغا يەتكۈزىدىغان، مەلۇم قىلىدىغان ئەمەلدار.
خان بىر ھازادىن كېيىن، ھوشىغا كەلگەندەك مەلۇمچىغا قارىدى.