UyghurMain Dictionary
مەلەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پەرىشتە:
گۈزەل مەھبۇبە:
1. داغى سەير ئەيلەگىل توققۇز فەلەكنى،
نېچۈك خەلق ئەيلەمىشدۇرمەن مەلەكنى.
ناقىس.
2. مەلەك تەسلىمى شەيتان كىبرىدەكتۇر بۇكى ئەقل ئۆزىن،
قىلىپ مەئمۇرى ئەمر، ئىستەر ئەمارەت نەفسى ئەممارە.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئاللانىڭ ئەمرىگە بىنائەن، مەخسۇس ئىشقا مۇئەككەل غەيرىي تەبىئىي مەخلۇق.
پەرىشتىنىڭ ئىشىدىن شەيتان قىزغىنىپتۇ. ناتونۇش پەرىشتىدىن تونۇش جىن ئارتۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە كىرىشىش.
نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىسىز؟ يوقىلاڭ بىر ئىش بىلەن مەلەك بولۇپ قالدىم. بولدى، بۇنىڭ بىلەن مەغۇل بولۇپ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەيلى. جىق ھەلەك بولدۇم، يەنىلا تۈزىيەلمىدىم
شىۋىلەر
ئاقسۇ شىۋىسى
دەخلى قىلماق، ئاۋارە قىلماق؛ مەشغۇل بولماق. مەسىلەن: ۋاقتىمنى مەلەك قىلما؛ ماۋۇ ئىش بىلەن مەلەك بولۇپ قالدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. پەرىشتە.
مۇرەببىي يوق، پاناھسىزلىق - غېرىبلىققا ئەسىر باشىم، قولۇمدا يوق، شۇڭا يوقتۇر مېنىڭ قاشىمدا قولداشىم. نېسىۋەم يا مەلەك يامغۇرىغا ئۈلپەت بولۇش بەلكى...كۆكەرمەسمۇ زېمىن ياكى كۆزۈمدىن ئاقمىسا ياشىم!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. دەخلى، ئاۋارە؛ مەشغۇل.