UyghurMain Dictionary
مەڭىلەدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مېڭە يېدى.
ئەر مەڭىلەدى _ ئادەم مېڭە يېدى. بۇنىڭ تېگى مۇنداق: بۇ سۆز ئەرەپلەرنىڭ «» دېگەن سۆزىگە ئوخشايدۇ. مېڭە ئۈچۈنلا قوي سويۇش مېڭىنىڭ قوينىڭ ئەڭ قەدىرلىك يېرى بولغانلىقىدىندۇر. بىر كىمنىڭ ھۆرمىتىگە قوي سويۇپ مېڭىسىنى تەقدىم قىلىش ئەڭ چوڭ ھۆرمەت ھېسابلىنىدۇ. كېيىن بۇ سۆز ياخشى غىزا - تاماقلارغا ئېرىشكەن ئادەملەرگىمۇ قوللىنىلغان ئىسىم بولۇپ كەلگەن. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئانى يەتىپ سۈڭۈلەدى
باشىن ياندۇرۇ ياڭىلادى
ئەرەن بايۇپ مەڭىلەدى
ئانىڭ ئالپىن قىرا بوغدى
«ئۇنىڭغا يېتىپ نەيزىلىدى،
يارىسىنى يەنە يېڭىلىدى؛
باتۇرلار بېيىپ مېڭە يىدى،
ئۇنىڭ باتۇرلىرىنى قىرىپ بوغدى.»
قوشۇننى يەڭگەن بىر ئادەم تەرىپلىنىپ شۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇ ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ نەيزە سانچىدى، ئۇنىڭ يارىسىنى يېڭىلىدى؛ بۇلاپ - تالاپ كەلگەن ماللىرىدىن ئادەملىرىنى بەھرىمان قىلدى، دۈشمەن باتۇرلىرىنى قىرىپ، بوغدى.
3 - 55