UyghurMain Dictionary
مەكتۇپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھال _ ئەھۋال ئېيتىپ ياكى ئەھۋال سوراپ، خەۋەر بېرىپ ياكى پىكىر ئېلىپ مەسىلىھەتلىشىش مەقسىتىدە يېزىلغان قەغەز؛ ھۈججەت.
خەت _ ئەقىلنىڭ سۈرىتى. خەت پۈتۈپ، نامە ئەۋەتتىم يارىم ساڭا، ئوقۇتۇپ ئىلىكىڭگە ئال، مەلۇم بۇلار ھالىم ساڭا.فرانسىيلىك مەشھۇر يازغۇچى ۋولتېر ئۆمرىدە 21 مىڭ پارچە خەت _ مەكتۇپ يازغان. ئۇ خەت يېزىش بويىچە دۇنيا چىمپىيونى. ئامېرىكىلىق كالتەك توپ ماھىرى ھانىك ھاللون بىر يىل ئىچىدە تاماشىبىنلاردىن 900 مىڭ پارچە خەت _ مەكتۇپ تاپشۇرۋالغان. ئۇ خەت تاپشۇرۇۋېلىش بويىچە دۇنيا چىمپىيونى. « مەكتۇپ » ئارخائىزىم بولۇپ قالدى.
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىۋابىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سكۋارزۇالد دېھقانلىرى تۈزگەن كۈرەش پروگراممىسى. 1524-يىلى قىش ئاخىرى ياكى ئىككىنچى يىلى باش باھاردا كۆرۈلگەن بولۇپ، مۇنزېرنىڭ مۇرىتى تەييارلىغان. ئۇنىڭدا فېئوداللارنىڭ قەلئەلىرىنى ۋە موناستىرلارنى چېقىپ، يوقسۇللارنى خوجايىنلارنىڭ ۋە فېئوداللارنىڭ ئېزىشىدىن <ئۈزۈل - كېسىل ئازاد> قىلىپ، <ئورتاق مەنپەئىتى> ئاساسىدا تۇرمۇشىنى يېڭىۋاشتىن ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. مەكتۇپ مۆتىدىل قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىر كىمگە يېزىپ ئەۋەتىدىغان خەت، سالام خەت.
مەكتۇپ يازماق. مەكتۇپ ئەۋەتمەك.