UyghurMain Dictionary
مەككىدىكى بېشارەتلەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى سوپىزملىق مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابنى مۇھىيددىن ئىبنى ئەرەبى 1201 - يىلىدىن 1237 - يىلىغىچە 36 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇئەللىپ مەككىدە ھەج قىلغاندا ئىلھاملىنىپ، يېزىشقا كىرىشىپ، ئويلىغانلىرىنى يېزىپ ماڭغان. ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىسى ناھايىتى كەڭ كىتاب بولۇپ، 560 بابتىن تۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 559 - باب كىتابنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىستىتسىزملىق ئېتىقاد بىۋاسىتە تۇيغۇ، دىلدىكى تەسىرات، ئىچكى ئىلھام نۇقتىسىدىن شەرھلەنگەن. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دۇنيا قارىشى، تونۇش نەزەرىيىسى، ئىلمىي تەۋھىدى، <ۋەھدە ئەل ۋۇجۇد> ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ئېتىقاد سىستېمىسى ھادىسە (يارىتىلغان) لار بىلەن تۈپ زات (ياراتقۇچى) نىڭ مۇناسىۋىتىدىن دەلىللەنگەن. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى تەسەۋۋۇپ پەلسەپە نەزەرىيىسى، سىرلىق بىلىم، سىرلىق تەسىرات، تونۇش شەكلى، ئاللاغا يېقىنلىشىش، ئاللانى تونۇش ئۇسۇلى، دىلدا ئاللانى كۆرۈش تەسىراتى، ئاللا بىلەن بىرلىشىپ كېتىش ئەھۋالى، پانا مەنزىل قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى مول، چېتىلىدىغان دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، كېيىنكى ئۆلىمالار تەرىپىدىن <ئىسلام دىنىدىكى سىرلىق بىلىملەر قامۇسى> دەپ تەرىپلىنىپ، قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلاندى. بۇ كىتاب سوپىزمنى تەتقىقات قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. كىتاب ئەسلىي قوليازما بولۇپ، كېيىن قىسقارتىپ تۈزۈلگەن نۇسخىسى بارلىققا كەلدى. 1857 - يىلى مىسىردىكى بۇلاقتا ۋە 9111 - يىلى قاھىرەدە ئويما نۇسخىسى نەشر قىلىندى.