UyghurMain Dictionary
مەجنۇنتال
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
مەجنۇنتالنىڭ قامىتى ئەۋرىشىم، چىرايلىق، شاخلىرى پەسكە ساڭگىلاپ شامالدا ئىرغاڭلاپ تۇرىدۇ، خۇددى يېشىل كىيىملىك قىزچاق ئۇسسۇلغا چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. كىشىلەرگە باھارنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ، گۈزەللىك ھۇزۇرى بېغىشلايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «قىزچاق دەرەخ» دېيىشىدۇ.
مەجنۇنتال تال - تېرەكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى10 −20 مېتىر، سۇس سارغۇچ يېشىل ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك كىچىك شاخلىرى ئىنچىكە، يۇمشاق بولۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ئۆسىدۇ، ئاددىي يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. تار - ئۇزۇن تېمىنە شەكىللىك بولۇپ، ئادەمنىڭ قېشىغا ئوخشايدۇ. ئاتىلىق - ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە، پوتلىسىمان گۈل رېتى تىزىقسىمان بولۇپ، تۈكلۈك قۇرتقا ئوخشايدۇ. گۈلى ئوچۇق سېرىق، ئاتىلىق گۈلىنىڭ چاڭدىنى سۇس قىزغۇچ سېرىق، ھەسەل بېزى بار، ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈل. چېچەكلەش مەزگىلى فېۋرال - مارت ئايلىرى بولۇپ، مېۋىسى ئاپرېل ئېيىدا پىشىدۇ، غوزا مېۋىسىدىن ئۇششاق ھەم ئاق رەڭلىك يىپسىمان تىۋىتلىق ئۇرۇقلىرى چېچىلىپ چىقىپ شامالدا لەيلەپ ئۇچىدۇ، مانا بۇ، «ئاسماننى قاپلىغان قار ئۇچقۇنلىرىدەك» سۆگەت توزغىقىدۇر.
مەجنۇنتال يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، كۆپەيتىش ئاسان، ئۆسۈشى تېز، جىنسسىز كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا بىر بۆلەك تال شېخنى سۇندۇرۇپ ئېلىپ يەرگە سانجىپ قويسىلا يىلتىز تارتىپ بىخلىنالايدۇ. «تال چىۋىقنى سانجىپ قويساڭ مۇنداقلا، پاتلا ئولتۇرارسەن سايىسىدا» دېگەن تەمسىل تال دەرىخىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
تال دەرىخىنىڭ ياغىچى يېنىك، يۇمشاق، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ئۆرۈش سىزىقلىرى رەتلىك بولۇپ، ئۆي جاھازلىرى، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، پەنەركە، قېرىنداش قاتارلىقلارنى ياساش ۋە قەغەز ئىشلەشنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. تال چىۋىقلىرىدىن ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋە نەپىس ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى توقۇشقا بولىدۇ. شاخ - يوپۇرماقلىرى ھەم يىلتىز قوۋزىقىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، بەلغەم بوشىتىش، شامالداشتىن مۇداپىئەلىنىپ قىزىتمىنى تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈملىرىگە ئىگە.
تال دەرىخى كۆكەرتىش ئاۋانگارتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نەملىككە چىداملىق، بوران - چاپقۇن ۋە دولقۇنلاردىن قورقمايدىغان ئېگىلمەس دەرەخ بولغاچقا، دولقۇندىن مۇداپىئەلىنىپ، تۇغان - قاشلارنى قوغداشتىكى تازا كۆڭۈلدىكىدەك دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
بىئولوگىيە
تال تېرەكلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. كىچىك شېخى ئىنچىكە ئۇزۇن بولۇپ تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، تۈكى بولمايدۇ، پارقىراق قوڭۇر رەڭ ياكى بىنەپشەرەڭ بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۇزن ئىللىپسىسىمان، تار تۆمۈنىسىمان ياكى يىپسىمان ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، گىرۋىكىدە ئۇششاق ھەرە چىشى بولىدۇ، ئىككىلا يۈزىدە تۈك بولمايدۇ. تۆۋەنكى يۈزى ئاق رەڭلىك بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپىدا قىسقا يۇمشاق تۈك بولىدۇ. گۈلى تاق جىنسلىق، ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ، گۈل رېتى پوتلىسىمان بولىدۇ. گۈل رېتى ئوقىدا قىسقا يۇمشاق تۈك بولىد، ئاتىلىق گۈل رېتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5.1 - 2 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئورىغۇچى يوپۇرمىقى ئىللىپس شەكىللىك بولۇپ، سىرتىدا تۈك بولمايدۇ، گىرۋىكىدە كىرپىكسىمان تۈكچىلەر بولىدۇ؛ ئاتىلىقى ئىككىگە ئايرىلىپ ئۆسىدۇ، تۈۋى قىسمىدا ئۇزۇن يۇمشاق تۈك ۋە ئىككى تال بەز بولىدۇ؛ ئانىلىق گۈل رېتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، ئورىغۇچى يوپۇرمىقى تار ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، قورساق تەرىپىدە بىر تال بەز تەنچىسى بولىدۇ. غوزا مېۋىسى ئىككىگە يېرىلىدۇ، سارغۇچ قوڭۇررەك بولىدۇ؛ ئۇرۇقى كىچىك بولۇپ، ئاق ئۇزۇن يىپسىمان تۈكى بولىدۇ، ئۇ مەجنۇنتال پاختىسى دەپ ئاتىلىد. جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە ئۆسىدۇ، چاڭجياڭ ۋادىسى ۋە جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. كۆكەرتىش ئۈچۈن يول ياقىلىرىغا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ياغىچى يۇمشاق بولۇپ، كانلارغا تۈۋرۈك، ئوت سايمانلىرى، دۈشە قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. قوۋزىقىدىن كاشتان يىلىمى ئايرىۋېلىنىدۇ؛ قوۋزاق تالاسىدىن قەغەز ياسىلىدۇ؛ شاخ ۋە چاچما يىلتىزى شامال ۋە نەملىكنى ھەيدەپ، قوۋۇرغا ئاغرىشنى داۋالايدۇ. يوپۇرماق، گۈل ۋە مېۋىسى يامان سۈپەتلىك يارا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مەجنۇن + تال
ئىسىم
بوتانىكا
تال تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ.