Chinese→UyghurMain Dictionary
美州国家间互肋条
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ياردەملىشىش شەرتنامىسى
<پان ئامېرىكا بىرلەشمە مۇداپىئە ئەھدىنامىسى>، <غەربىي يېرىم شار بىرلەشمە مۇداپىئە ئەھدىنامىسى> ياكى <رىئوژانېيرو ئەھدىنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر 1947-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى برازىلىيىنىڭ پايتەختى رىئوژانېيرودا ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمۇنى: <پۈتكۈل غەربىي يېرىم شار مۇشۇ شەرتنامىدە كۆزدە تۇتۇلغان >بىرلەشمە مۇداپىئە< رايونى بولىدۇ؛ مۇشۇ رايوندىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم پۈتۈن ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر «ئورتاق مۇداپىئە» ۋە «كوللېكتىپ قوغدىنىش» نى يولغا قويۇپ، ھەرقانداق ئامېرىكا قىتئەسى دۆلىتىگە قىلىنغان تاجاۋۇزدىن مۇداپىئە كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىدۇ؛ «تاجاۋۇزچىلار» غا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن، دىپلوماتىيە ئۆمىكىنىڭ باشلىقىنى چاقىرتىۋېلىش، دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ۋە تېلېگراف خەۋىرىنى ئۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قولىنىشقا، ھەتتا «قوراللىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىش» قا بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. شۇ چاغدا ئامېرىكا مۇشۇ شەرتنامىدىن پايدىلىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسىنى ھەربىي جەھەتتىن يەنىمۇ تىزگىنلىگەن.