Chinese→UyghurMain Dictionary
梅叶
دۇنيا تارىخى
مېلليېر
(1664 - 1729) فرانسىيىلىك خىيالىي كوممۇنىزمچى. يېزا توقۇمىچىلىق ئىشچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، پوپ بولغان. ئۆز ھاياتىنى يېزىدا ئۆتكۈزگەن، دېھقانلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە چوڭقۇر ھېساشلىق قىلغان، رەزىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئۇ، ماددا مەڭگۈلۈك بولىدۇ، ئۇنى ئىجاد قىلغىلى بولمايدۇ، ئاڭ ماددىنىڭ مەھسۇلى؛ دىن خەلقنى ئالدايدىغان قورال، پادىشاھلىق تۈازۈم جەمئىيەتتىكى باراۋەرسىزلىكنى قوغدايدۇ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك باراۋەرسىزلىك ۋە ئېكسىپلاتاتسىيە ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىغان. خگلقنى ئىنقىلاب قىلىپ، مەۋجۇت زوراۋانلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان. دىنىي رايون كوممۇنىسى شەكلىدىكى كوممۇنىستىك غايىنى يەنى بىر دىنىي رايوندىكى بارلىق ئاھالە ئائىلە شەكلىدىكى بىر كوممۇنىنى تەشكىل قىلىپ، بايلىقنى بىرلىكتە باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ھەممە ئادەم ئەمگەك قىلىش، بىر - بىرىنى قېرىنداشلارچە ھۆرمەتلەش؛ كوممۇنىلار ئارا ئىتىتپاق تۈزۈپ، تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ <ۋەسىيەت> دېگەن ئەسىرى بار.