Chinese→UyghurMain Dictionary
酶连免疫吸附定法
بىئولوگىيە
ئېنزىملىق - ئىممۇنىتېتلىق ئابسورپسىيىلەپ ئېنىقلاش ئۇسۇلى
بۇ ئېنزىمولوگىيىلىك ۋە ئىممۇنىتېتلىق ئۇسۇللارنى بىرلەشتۈرۈپ لايىھىلەنگەن بىر خىل ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى، ئۇنىڭ پرىنسپى شۇكى، ئانتىگېن (ياكى ئانتىتېلا) غا بىر خىل مۇئەييەن ئېنزىم بىلەن كۇۋالېنتلىق بەلگە سېلىپ، ماس ھالدىكى ئانتىتېلا (ياكى ئانتىگېن) ئېنقلىنىدىغان ئەۋرىشكە قىلىنىدۇ ئىككى خىل ئەۋرىشكىنى ئوخشاش بىر سىستېنغا قويۇپ، ماس ھالدىكى ئانتىگېن (ياكى ئانتىتېلا) بىلەن ئۆز ئارا ماس كېلىدىغان ئېنزىم بىلەن بەلگە قويۇلغان ئانتىتېلا (ياكى ئانتىگېن) نى مەخسۇس بىركتۈرگەندىن كېيىن، ئايرىش ئارقىلىق ئېنزىم بىلەن بەلگە سېلىنغان ئانتىگېن (ياكى ئانتىتېلا) ئاتىتېلا (ياكى ئانتىگېن) كومپلېكس بىرىكمىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئاندىن كېيىن، ئېنزىمنىڭ ئاساسىي ماددىسىنى قوشۇپ، ئېنزىم كاتالىزلىنىدىغان ئاساسىي ماددىدىن پارچىلانغان ماددا رەڭگىنىڭ قېنىق - سۇسلۇق دەرىجىسىگە ئاساسەن ئەۋرىشكىدىكى ئانتىگېن (ياكى ئانتىتېلا) نىڭ قويۇقلۇق، كۆرسەتكۈچىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى يۇقىرى، مەخسۇسچانلىقى كۈچلۈك، باھاسى ئەرزان، بىخەتەر، ئىشەنچلىك قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلىرى بار، شۇڭا تەجرىبىخانا، بولۇپمۇ كلىنىكىلىق تەكشۈرۈشلەردە بارغانسېرى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا.