Chinese→UyghurMain Dictionary
美韩共同防御条约
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا - كورىيە ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى
1953-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا جەنۇبىي چاۋشىيەن لى چىڭۋەن (لېسىنمان) گۇرۇھى بىلەن ۋاشىنگتوندا ئىمزالىغان. شەرتنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: <ئۆزئارا ياردەم قىلىش ۋە ئۆزئارا ياردەم قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، قوراللىق ھۇجۇمنى توسۇيدىغان مۇۋاپىق ئۇسۇلنى ساقلاپ قالىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇرىدۇ>، <ئورتاق خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش يولىدا ھەرىكەت قوللىنىدۇ>. ئۇ چاغدا، چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. ئامېرىكا مۇشۇ شەرتنامىدىن پايدىلىنىپ جەنۇبىي چاۋشيەندە ئۇزاققىچە ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، چاۋشىيەننىڭ تىنچلىقى، بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغان. بۇ شەرتنامىنىڭ 4-ماددىسىدا جەنۇبىي چاۋشىيەن ئامېرىكىغا ئۆز زېمىنىدا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيىسى قىسىملىرىنى تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنى بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، (ئورتاق مۇداپىئە) نامى ئاستىدا، ئامېرىكا جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. بۇ شەرتنامە چەكسىز كۈچكە ئىگە بولغان.