UyghurMain Dictionary
مەيدان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەيدان؛ جەڭگاھ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كەڭ، بوش ئورۇن، بوشلۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئايرىم تارماقلىرى بويىچە قۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى.
چارۋىچىلىق فېرمىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى زىيان تارتىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەكتە. بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرى دېھقانلارغا ياردەم بەردى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوچۇق يەر، ھەر خىل ئومۇمىي مەشغۇلات ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانغان يەر.
<سەيخانا> ھەرىكەت قىلىدىغان سەھنە.
<سورۇن> كۆپچىلىك توپلىشىپ قىلىنغان ئولتۇرۇش ئورنى.
مەردنى مەيداندا سىنا. ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ھازىر ھەر كۈنى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. سەيخانىدا ئولتۇرما، مەيخانىغا بارما. سورۇن كۆرگەن كىشى كۆپنى بىلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە باشقا ئىجتىمائىي گۇرۇھنىڭ تۇرمۇشتا تۇتقان ئورنى.
<تۇرغۇ> مەسىلىنى كۆزەتكەن ۋە ئۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقارغاندا تۇرغان ئورۇن.
<پوزىتسىيە> ئىش - ھەرىكەتكە تۇتقان قاراش ۋە ھەرىكەت.
كۇلۇمبىيە گېزىتى <كۆزەتكۈچىلەر> ماقالە بېسىپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش توغرىسىدىكى مەيدانىنى مەدھىيلىگەن. جىددىي ئۆزگىرىش پەيتىدە ھەر كىم ئۆز مەۋقەسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بەلگىلىشى لازىم. ھەر كىم ئۆز تۇرغۇسىدىن سۆزلەيدۇ. ھەر قانداق ئىشقا دۇچ كەلسەڭ، پوزىتسىيەڭ ئېنىق بولسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كەڭ بوشلۇق، ئوچۇقچىلىق، سەينا.
كۆپ ئاماللارنى قىلىپ، ئۇ تاغنىڭ ئۈستىدىكى بىر مەيدانغا چىقتى.
بىرەر ئىش، ھەرىكەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ياكى شۇنداق ئىش، ھەرىكەت بولىدىغان جاي، بوشلۇق؛ سەھنە.
ئىش مەيدانى. جەڭ مەيدانى. يىغىن مەيدانى. كۈرەش مەيدانى. خەلق مەيدانى. توپ مەيدانى.
مەردنى مەيداندا سىنا (ماقال).
<فىز> ماددىلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر خىل ئاساسىي شەكلى، يەنى مۇئەييەن دائىرىسى بولمىغان تارقاق خۇسۇسىيەتلىك ماددا. ئۇ ئېنېرگىيە، ھەرىكەت مىقدارى ۋە ماسسىغا ئىگە كېلىدۇ. فىزىكىلىق مەيدان ئۆزئارا تەسىرلىشىش مەيدانى بولۇپ، پۈتكۈل بوشلۇقتا مەۋجۇت.
بىرەر ئىش، ۋەقە سادىر بولغان جاي.
مەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرمەك.
قىسمەن ماشنىلاشقان ھەمدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ مەلۇم بىر تۈرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا.
باغۋەنچىلىك مەيدانى. دېھقانچىلىق مەيدانى.
<تىيا> كۆرۈنۈش.
مەيدان خاتىرىلىگۈچى.
كۆچمە. مەۋقە.
كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش لازىم.
مىق. قېتىم، نۆۋەت، مەرتەم (ئويۇن - تىياتىر ۋە توپ تۈرلىرى ھەققىدە).
ئۇلار ئاممىغا 45 مەيدان ئويۇن قويدى.
تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلارغا بۆلۈنگەن ھەربىر بۆلىكى.
قارشى تەرەپ بىر توپ كىرگۈزۈۋالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋالغۇچە بىرىنچى مەيدان ئاخىرلاشتى.