Chinese→UyghurMain Dictionary
美巴运河条约
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا - پاناما قانال شەرتنامىسى
ئامېرىكىنىڭ پاناما بىلەن تۈزگەن ئىككى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قانال ياساش توغرىسىدىكى شەرتنامە. 1903-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكا كولومبىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، پاناما رايونىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. 11-ئاينىڭ 3-كۈنى پاناما كولومبىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 6-كۈنى پاناما بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ قانال شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ئامېرىكىنىڭ پاناما زېمىنىدا قانال قېزىشىغا قوشۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ قانالنى ياساش، تىجارت قىلىش، مۇھاپىزەت قىلىش ۋە قوغداش ئىشلىرى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان زېمىنىنى مەڭگۈلۈك ئشلىتىشىگە، ئىگىلىشىگە ۋە كونترول قىلىشىغا ماقۇل بولۇش؛ مەزكۇر رايوندا ئامېرىكا ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، پاناما ئامرىكىنىڭ بارلىق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى، ھوقۇق كۈچىنى ۋە ھوقۇق ئىقتىداىرنى ئېتىراپ قىلىش؛ <پاناما جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ خىل ھوقۇق ـ مەنپەئىتى، ھوقۇق كۈچى ۋە ھوقۇق ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ئىستىسنا قىلىش>؛ ئامېرىكا پانامانىڭ مۇستەقىللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پاناماغا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ۋە ھەر يىلى پۇل ھېسابىدا 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بېرىش دېگەنلەردىن ئىبارەت. 1914-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 3.85 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پاناما قانىلى ياساپ تامانلىنىپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان.