UyghurMain Dictionary
مەھلىيا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا ياكى بىرەر نەرسىگە جان - دىلىدىن بېرىلمەك.
<قىلماق>، <بولماق> لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ئۇ نازىنىن گۈزەل جىلۋىسى بىلەن مېنى مەپتۇن قىلدى. كىيىم كۆزنىلا مەھلىيا قىلار، بىلىم ئالقىشقا ئىگە قىلار. چىرايلىق سۆزۈڭگە بولما مەھلىيا، سۆزۈڭدىن ئىشىڭنى بېزەت ئاۋۋالا. بىر كۆرۈپ مەستانە بولغاندا ئىشەنچ يوق. ۋاپادا ئوخشىما بۇلبۇلغا ئەسلا، ھەر ئان ئۇ ئۆزگە گۈل شېخىدا شەيدا. مەنزىلىم ئىدى يىراق، ئەسىر قىلدى بىر قاراپ. ئىشىق ئوتىدا بولدۇم پەرۋانە، ئەندى بولاي دىۋانە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئادەم ياكى بىرەر نەرسىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن، ئەس - ھوشىنى يوقاتقان؛ چىن دىلىدىن كۆيگەن.
مەھلىيا بولماق. مەھلىيا قىلماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆزىگە تارتقۇچى، مەپتۇن قىلغۇچى