Uyghur←ChineseMain Dictionary
مەھكىمە ھاكىمىيىتى
دۇنيا تارىخى
院玫
yuàn méi
ياپونىيىدە Ⅺ ئەسىردىن باشلاپ شاھىنشاھ ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن سىياسىي تۈزۈلمە. 1086-يىلى (يېڭدېنىڭ 3-يىلى) تېننوبەيخى چوڭ ئاقسۆڭەك فۇجىۋارانىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىۋېلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئورنىنى ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن ئىككىنچى ئوغلى تېننوكۇخېغا بېرىپ، شاھىنشاھلىق (كېيىن بۇددا دىنىغا كىرىپ، بۇددا شاھ دە ئاتالغان) ئورۇندا تۇرۇپ، ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، تۇنجى مەھكىمە قۇرۇلغان. ئۇ نائىب، كامپاكۇلىقتىن يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئەمىر - پەرمانلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان. ئۇنى پۇجىۋارانىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان ئاقسۆڭەكلەر ھىمايە قىلغان؛ 1129-يىلى (داجژنىڭ 4-يىلى) شىراكاۋا ئۆلگەندىن كېيىن، شاھىنشاھ توبا (كېيىن ئۇمۇ بۇددا شاھ دەپ ئاتالغان) يەنە 1156-يىلغىچە (باۋيۈەننىڭ بىرىنچى يىلى) مەھكىمە ھاكىمىيىتىنى يۈرەۈزگەن. ۋۇيۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى شاھىنشاھ چۇڭدى ( 1123 - 1141-يىللىرى تەختتە) سول قول ۋەزىر فۇجىۋارا يورىناگا بىلەن بىرلىشىپ، ئىنىسى كېيىنكى تېننوشىراكاۋا ۋە كامپاكۇ فۇجىۋارا ئادامىچىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ تارىختا باۋيۈەن يېغىلىقى دەپ ئاتالغان. كېيىنكى تېننوشىراكاۋا يېچاۋ بىلەن خراشىمىزۇننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ غەلىبە قازانغان. 1158-يىلى (باۋيۈەننىڭ 3-يىلى) كېيىنكى تېننوشىراكاۋا ئورنىنى تېننو ئېرىتياۋغا بېرىپ، ئۆزى مەھكىمە ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگەن (20119ىلغىچە) 1159-يىلى (پىڭجژنىڭ بىرىنچى يىلى) يۈەن يېچاۋ ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ تېننو ئېرىتياۋ بىلەن كېيىنكى بەيخېنى نەزەربەند قىلغان، كېيىن خىراشىمىزۇ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. بۇ تارىختا خىراشىمىزۇنىڭ توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇشنى دېيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى بەيخې مەھكىمىسى خىراشىمىزۇنى تېخىمۇ ئېىتبار بىلەن ئىشلەتكەن، ساموراي كۈچلىرى باش كۆتۈرگەن، ئومۇمەن بەيخې شوگۇنلىقى، توبا شوگۇنلىقى ۋە كېيىنكى بەيخې شوگۇنلىقى كەينى - كەينىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت شوگنات دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ يەنە بۇنىڭ ئىچىدە كېيىنكى شاھىشناھ توبانىڭ مەھكىمە ھۆكۈمرانلىقى (1198 - 1221) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەن گەپمۇ بار. بۇ ئارىدا باۋيۈەن يېغىلىقى ئىكى مەزگىلگە بۆلۈنگەن، ئالدىنقى مەزگىلدە نايىب كامپاكۇ كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرغان، كېيىنكى مەزەىلدە ساموراي كۈچلىرىگە قارشى تۇرغان. 1221-يىلى چېڭجۇ يېغىلىقىدىن كېيىن، شوگناتنىڭ بېسىمى بىلەن، مەھكىمە ھاكىمىيىتى ئاستا - ئاستا رولىدىن قالغان، لېكىن بۇنداق تۈزۈلمە يەنىلا ئارىلاپ مەيدانغا كېلىپ تۇرغان، تاكى 1840-يىلى (تىيەنباۋنىڭ 11-يىلى) شاھىنشاھ گۇاڭگې ئۆلگەنگە قەدەر داۋاملاشقان.