UyghurMain Dictionary
مەھكەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پۇختا، مۇستەھكەم، چىڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىداشلىق، ئۆزاققا تۆزىدىغان.
يەپ تۇر، بەك تۇر. ھەممىگە بېرىلمەي، بىرنى بەك تۇت. دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر، كالتىكىڭنى ئايىما. ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغان كىشى بىرەر ئىشنىمۇ پىششىق بىلمەيدۇ. ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما. مۇستەھكەن ئىرادە بولغاندا، ئۇلۇغ ھايات بولار. قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس. ئۇلى مەھكەم بولسا، ئۆيمۇ مەھكەم بولىدۇ. ئۆزى پۇختىنىڭ ئۆستىڭى يۇقىرىغا ئاقار. ئوننى چالا بىلگەندىن بىرنى پۇختا بىلگەن ياخشى. خيالىڭ يۈكسەك نىيەتلىك بولسۇن، ئىشىڭ پۇختا ۋە مەزمۇت بولسۇن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈزۈلۈشى ياكى ياسىلىشى جەھەتتىن چىداشلىق.
يۇمشاق، بوش ، نازۇك
تۈزۈلۈشى ۋە ياسىلىشى جەھەتتىن چىدامسىز.
باش تاشتىن چىڭ ئەمەس. يەپ تۇر، بەك تۇر. ئاغزى يۇمشاق گۆش يەپتۇ، ئاغزى قاتتىق مۇشت. قاتتىق چىش سۇنار، يۇمشاق تىل قالار. قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەر. قاتتىقتىن چىش ئاغرىسا، يۇمشاقتىن ئىچ ئاغرىيدۇ. موللام پۇلنى دوست تۇتماس، تۇتسا بوش تۇتماس. ئۈچ ئۆرۈمە ئارغامچا پىششىق بولار. قۇلۇپتىن ئاچقۇچ پۇختا. قوتىنىڭ مەھكەم بولسا، بۆرە كىرەلمەس. ئادەم تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن نازۇك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. ئاسان بۇزۇلمايدىغان، سۇنمايدىغان، پۇختا، مۇستەھكەم، چىداملىق.
قورقۇپ جياڭجۈن ئالۋاستى، كىردى سېپىل ئىچىگە. مەھكەم ئىكەن سېپىلى، يەتمىدۇق ھېچ ئېپىگە.
رەۋ. زور كۈچ بىلەن، كۈچىنى ئىشقا سېلىپ؛ چىڭ، قاتتىق.
مەھكەم تۇتماق.
رەۋ. تەۋرەنمەي، ئېغىشماي، چىڭ.
رىزۋانگۈل ئۆزىنىڭ سۆزىدە مەھكەم تۇردى.
رەۋ. ئۇنتۇپ قالماي.
ئەستە مەھكەم تۇتماق.
سۈپ. كۆچمە. ئېھتىياتچان، پىششىق، پۇختا.
ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
<مۇھكەم>
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
مۇستەھكەم، يەنى ئۆمرى ئۇزۇن بولغۇچى بالا. باشقا شەكىللىرى: مەھكەمجان، مەھكەمخان.