UyghurMain Dictionary
مەھدى ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سۇداندىكى ئىسلام ئىنقىلابىي ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان مۇھەممەد ئەھمەد ئۆزىنى ئىمام مەھدى دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت شۇنداق ئاتالدى. بۇ ھەرىكەت شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن سۇداننىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلدى. مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ قىلدى. كاۋدىفان تاغلىق رايوننى بازا قىلىپ، ئارمىيە، مالىيە ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، ئىنقىلابىي دۆلەت قۇردى. دەسلەپكى مەزگىللەردە تەقۋادار مۇسۇلمانلار ۋە قەبىلىلەردىكى تەشكىللىك جامائەت قوللىدى. 1881 - يىلىدىن باشلاپ ئاشكارا پائالىيەت قىلىپ، ئەنگىلىيىنىڭ سۇداندىكى باش ۋالىسى چارلىس گېئورگى گوردون (1833 - 1885) نى ئېتىۋېتىپ، خارتومنى ئىشغال قىلدى. مەھدى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىزباسارى ۋە مۇئاۋىنى بولغان ئابدۇللا بىننى مۇھەممەد رەسمىي دۆلەت تۈزۈلمىسىنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەردى. مىسىرنىڭ مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قوللاندى. ھۆكۈمەتنىڭ يېزا رايونلىرىدىكى نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مۇسۇلمان دۆلىتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىلىقىنى كونترول قىلدى. 1898 - يىلى ئەنگلىيە - مىسىر بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان بولسىمۇ، كەڭ قوللاشقا ئىگە بولدى. مەھدىنىڭ ئوغلى سەئىد ئابدۇرەھمان 1944 - يىلى بۇ ھەرىكەتنىڭ داھىيىسى بولۇپ، ئۇممە پارتىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپ مۇستەقىل بولۇشنى، لېكىن ئەنگىلىيە بىلەن دوستانە ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ سۇداندا مىللەتچىلىك ۋە مۇستەقىللىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولدى.