Uyghur←ChineseMain Dictionary
مېدىچ جەمەتى
Domain: دۇنيا تارىخى美第奇家族
měi dì qí jiā zú
ئىتالىيىنىڭ فلورېنسىيىدىكى مەشھۇر جەمەت. دەسلەپكى يىللىرى سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان. ⅤⅩ ئەسىردە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ بانكىرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ⅢⅩ ئەسىردە فلورېنسىيە ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان. 1434-يىلى، ئالبىززى جەمەتىنىڭ ئورنىنى بېسىپ، فلورېنسىيىدىكى تاجىسىز كورۇلغا ئايلانغنا. 1494-يىلى ساۋونارولا قوزغىغان پۇقرالار قوزغىلىڭىدا، مېدىچ جەمەتىدىكىلەر چەت ئەلگە سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتكەن. 1512-يىلى ئىسپانىيە قوشۇنلىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، فلورېنسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1527-يىلى يەنە سۈرگۈن قىلىنغان. 1530-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئارمىيىسىنىڭ ھىمايىسى بىلەن، يەنە فلورېنسىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1532-يىلى فلورېنسىيە كىنەزلىك بولۇپ قۇرۇلغان؛ 1569-يىلى بۇ جەمەتتىكىلەر يەنە كىنەزنىڭ تاجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، توسكانا كىنەزلىكىنى بەرپا قىلغان، جۇمھۇرىيەت ئىسمى - جىسمى بىلەن بىراقلا يوق قىلىنغان. مېدىچ جەمەتىنىڭ فلورېنسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى 1737-يىلىغا قەدەر داۋاملاشقان. مۇھىم شەخسلەردىن كوسمو مېدىچ، لورېنزۇمېدىچ قاتارلىقلار بار ھەمدە ئىكىيلەن پاپا (لېئو Ⅹ بىلەن كىلېمېنت ⅡⅤ) بولۇپ سايلانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.