Uyghur←ChineseMain Dictionary
مچىياۋېللى
دۇنيا تارىخى
马基雅弗利
mǎ jī yǎ fú lì
(1469 - 1527) ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنشى دەۋرىدىكى ئىتالىيىلىك سىياسىئون، مۇتەپەككۇر، تارىخشۇناس. فىرېنزېدىكى بىر سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياشلىقىدا ياخشى تەربىيە كۆرگەن. 1498 - 1512 - يىللىرى فىېرنزې جۇمھۇرىيىتى 10 كىشىلىك كومىتېتنىڭ كاتىپى بولغان، ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىك ئىشلارغا مەسئۇل بولغان. ئىتالىيەنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرى ھەمدە فرانسىيە ۋە گېرمانىيىگە كۆپ قېتىم ئەلچىلىككە بارغان. 1512 - يىلى مېدىسى جەمەتى قايتا باش كۆتۈرگەندە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، فىرېنزېى ئەتراپىدىكى خۇسۇسىي داچىدا تۇرۇپ كىتاب يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1513 - يىلى <پادىشاھلىق توغرىسىدا> دېگەن كىتابنى يېزىپ، ئىتالىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، پادىشاھلىق مۇستەبىتلىكنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ سىياسىنى ھىيلە - مىكىر دەپ قاراپ، كورۇل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغانلىكى ۋاستىلەرنى قوللانسا بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. كېيىنكى كىشىلەر شۇ خىل سىياسىي نەزەرىيىنى <ماچىيا ۋېللىزم> دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىدىن 1520 - 1525 - يىللىرى توپلىغان 8 توملۇق <فىرېنزېى تارىخى> بولۇپ، گېرمانلارنىڭ ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلغاندىن باشلاپ 1492 - يىلى لورېنزو مېدىسى ئۆلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى فىرېنزېى شەھىرىنىڭ گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتىنىڭ جەريانى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا <لىۋىئوس توغرىسىدا> ۋە <ئەسكەر ئىشلىتىش قائىدىلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.