Uyghur←ChineseMain Dictionary
مازۇمدار
دۇنيا تارىخى
马宗达
mǎ zōng dá
(1917 - 1972) ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى (ماركسىزم - لېنىنىزمچىلار) نىڭ قۇرغۇچىسى، باش شۇجىسى. ئەسلىدە ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. 1964-يىلى ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى (ماركسىزمچىلار) گە قاتناشقان. كېيىن شۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بىلەن پىكىر ئىختىلاپى يۈز بېرىپ، <ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى ماۋ زېدۇڭىز مەركىزى> دېگەن مەخپىي تەشكىلات قۇرغان. 1967-يىلى 5-ئايدا، دارجېلىڭ ناھىيىسىنىڭ ناسالبالى رايونىدا دېھقانلاrنى يەر تالىشىش كۈرىشىگە سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىزان ئۇرۇشى تايانچ بازىلىرىنى قۇرغان. بۇ، ناسالبالى ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان. بۇ كۈرەش تېز سۈرئەتتە ئاندرا شتاتى ۋە باشقا رايونلارغا كېڭەيگەن. مۇشۇ ئاساستا، ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، <ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىنقىلابچىلىرى مەملىكەتلىك ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى> قۇرۇلغان. 1969-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ھىندىستان كومپارتىيىسى (ماركسىزم - لېنىنىزمچىلار) رەسمىي قۇرۇلغان ۋە پارتىيىنىڭ مەركىزىي تەشكىلات كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان. قوراللىق كۈرەشنى پارتىيىنىڭ ستراتېگىيىلىك لۇشيەنى قىلغان. 1970-يىلى 5-ئايدا، پارتىيىنىڭ 1-قۇرۇلتىيىدا باش شۇجى بولۇپ سايلانغان. 1972-يىلى 7-ئايدا كالكۇتتا شەھىرىدە قولغا ئېلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي تۈرمىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن.