Uyghur←ChineseMain Dictionary
مازارىن
Domain: دۇنيا تارىخى马萨林
mǎ sà lín
(1661 - 1602) فرانسىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1661 - 1643)، كاردىنال. ئىتالىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1630-يىلى فرانسىيىدە ئەلچى بولغاندا رىسېلېئو بىلەن تونۇشۇپ قالغان. 1630 - 1634-يىللاردا پاپانىڭ ئاۋىگنودا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى بولغان. 1635 - 1641-يىللاردا فرانسىيە ئوردىسىدا تۇرۇشلۇق ۋاتىكان ئەلچىسى بولغان ھەمدە فرانسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 1641-يىلى كاردىناللىققا تەيىنلەنگەن. لۇئى ⅣⅩ تەختكە چىققاندا يېشى كىچىك بولغاچقا، شاھ سانىيە ئاننا نائىب كورۇللىق قىلغان، ئۇ باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىپ، فرانسىيىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. ئۇ ئىچكى جەھەتتە ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىپ، باج كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بەزى ئىمتىيازلىرىنى چەكلەپ، دېھقانلار ۋە پۇقرالارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرغان، فۇرۇند ھەرىكىتىنى قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرغان، فۇرۇند ھەرىكىتىنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتكەن. تاشقى جەھەتتە، <ۋېستفلىيە سۈلھ شەرتنامىسى> (1648-يىلى)، <پېرېنېس سۈلھ شەرتنامىسى، 1659-يىلى( نى ئىمزالاش، ئەنگلىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈش )1659-يىلى( ئارقىلىق فرانسىيىنىڭ ياۋروپادىكى خوجايىنلىق ئورنىنى تىكلىگەن. ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا، خانلىق گۈزەل - سەنئەت تېخنىكۇمى ۋە مەشھۇر ماسارىن كۇتۇپخانىسى قاتارلىقلارنى قۇرغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.