UyghurMain Dictionary
مائىن
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمكى جاي. Ⅹ ئەسىردە كىنەزلىك بولغان. 1126-يىلى مائىن گرافنىڭ ئايال ۋارىسى ئانژۇ گرافى بىلەن توي قىلغنالىقتىن، مائىن ئانژۇ كىنەزلىكىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. 1154-يىلى ئانژۇ گرافى ھېنرى ئەنگلىيە كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتالغاندىن كېيىن، مائىن ئەنگلىيە كورۇل جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرىگە ئايلىنپ قالغان. 1204-يىلى فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ ئۇنى قايتۇرۇۋالغان، كېيىن يەنە ئانژۇ جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرى بولۇپ قالغان. 1481-يىلى فرانسىيە كورۇلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى كورۇلىنىڭ خوجىلىق يېرىگە قوشۇۋېتىلگەن.