Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماۋرىلار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
毛利人大起义
máo lì rén dà qǐ yì
يېڭى زېلاندىيىدە ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ماۋرى مىللىتىنىڭ 1860 - 1871-يىللىرىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۈرىشى. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ⅨⅩ ئسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، يېڭى زېلاندىيىنىڭ زېمىنىنى تالان - تاراج قىلىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن ماۋرىلار بىلەن كۆپ قېتىم توقۇنۇشۇپ قالغان. 1854-يىلى ماۋرىلار تاراناكىدا قەبىلە يىغىنى چاقىرىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يەر - زېمىنىنى تالان - تاراج قىلىشىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئىتتىپاق تۈزگەن. 1858-يىلى بەزى قەبىلىلەر بىرلىشىپ ماۋرى پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1860-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قورال كۈچى بىلەن ۋايتارانى بېسىۋېلىشى، بىرىنچى قېتىملىق تارانكى ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1863-يىلى ئەنگلىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ۋايكاتودا ماۋرىلارغا ھۇجۇم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق تاراناكى ئۇرۇشى پارتلىغان. 8641-يىلى، ماۋرىلار مەشھۇر ئوراكو مۇداپىئە ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. كەينىدىنلا ئەنگلىيىگە قارشى ھاۋھاۋسىم (<قوزغال> مەنىسىدە بولۇپ، ئۇرۇشقا قاتناشقان ماۋرىلار ھاي - ھايلاپ ۋاقىرىشاتتى) ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان. ئاخىرى قورال - ياراقنىڭ ناچارلىقى، شۇنداقلا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلىدىن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.