Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماتىئېز
دۇنيا تارىخى
马迪厄
mǎ dí è
(1874 - 1932) فرانسىيەلىك تارىخشۇناس. 1904 - يىلى پەلسەپە دوكتۇرى دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نانسى، بىسانسون، دىجون داشۆلىرىدە پروفېسسور بولغان. <1926 - يىلى پارىژ داشۆسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. >روبىسبىر ئىلمىي جەمئىيىتى<نى قۇرغان. >ئىنقىلابىي يىلنامە< (كېيىن فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخى يىلنامىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) ژۇرنىلىنى چىقارغان. ماتىئېز ئىلمىي ئېقىمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. فرانسىيەنىڭ ⅧⅩ ئەسىردىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابىي تارىخىنى ئۆمۈر بويى تەتقىق قىلىپ، ياكۇبىننڭ دىكتاتۇرا تارىخى توغرىسىدىكى تەتقىقاتىغا مەلۇم ھەسسە قوشقان. لېكىن بۇرژۇئازىيە مەيدانىدا تۇرغانلىقتىن بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە توغرا تەھلىل يۈرگۈزەلمىگەن. ئالايلۇق، روبىسبېر قاتارلىقلارغا تولىمۇ چوقۇنغان. >تېرورلۇق دەۋردىكى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن ئىجتىمائىي ھەرىكەت<، >فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخى< قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.