UyghurMain Dictionary
ماتتېئوتتى
دۇنيا تارىخى
(1885 - 1924) ئىتالىيە بىرلەشكەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ سېرىتارى. ۋىلاتا. بولىسكىندە تۇغۇلغان. 1919 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1922 - يىلى سوتسيالىستلار پارتىيىسى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن بىرلەشكەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇشقا قاتناشقان.1924 - يىلى مەزكۇر پارتىيىنىڭ سىكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پارلامېنتا فاشىزمغا قارشى نوتۇق سۆزلىگەن. 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بىر ئۇچۇم قاراقچىلار تەرىپىدىن باغلىنىپ پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.