Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماتتىئاس
Domain: دۇنيا تارىخى马提亚
mǎ tí yà
(1557 - 1519) مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1612 - 1619). 1578 - 1581 - يىللاردا جەنۇبىي نېدىرلاندىيىنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان. 1597 - يىلى تۆۋەن ئاۋسترىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1680 - يىلى ئۆز ئاكىسى رودولوف Ⅱ (مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى) نىڭ قولىدىن يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ۋە موراۋىيىنى ئالغان.1116 - يىلى يىلېخقىمۇ قوشۇمچە رەھبەرلىك قىلغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە كاتولىك كۈچلىرىنى قوللىغان. ئوغلى بولمىغاچقا، 1716 - ۋە 1618 - يىللاردا ئەسەبى كاتولىك، سىتىرىيە (بۈگۈنكى ئاۋسترىيە تەۋەسىدە) نىڭ كىنەزى فېرناندونى چېخ ۋە ۋېنگرىيە پادىشاھىنىڭ ۋارىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن. بۇ ھەرىكەت چېخ قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 30 يىللىق ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.