UyghurMain Dictionary
ماتەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۆلگەن كىشى ئۈچۈن قايغۇرۇش، مۇسىبەت، ھازا:
كېلىپ كاشغەرغە تۇرۇپ غەم بىلە،
يارانلار ئۈچۈن بەلكى ماتەم بىلە،
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆلگەن كىشى ئۈچۈن قايغۇ تۇتۇپ يىغلىماق، قارا كىيىم كىيمەك؛ ئويۇن - كۈلكىنى قويۇپ ھەسرەتلەنمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆلۈم - يېتىمگە بىلدۈرۈلگەن قايغۇ - ھەسرەت.
ماتەمگە ماتەم كۈيىدىن باشقا ناخشا ياراشماس. ئالتە خوتۇن ھازىغا بارسا، ئۆز مۇڭىنى تۆكىشەر. قارىلىقتا قارنى ئاچقان بىلىنمەس. غەيۋەت ئۆيۈمنى بۇزدى، مۇسىبەت كۆڭلۈمنى. غەمكىن قارا كۈندە كىم ساڭا يار، خۇشال كۈنىڭدىمۇ ئۇنتۇما زىنھار. ھالال مېلىم، ئاق مېلىم، قارا كۈنگە ساقلىدىم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆلۈم - يېتىم مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتىدىغان قارىلىق.
توي، توي - تۆكۈن
ھەرخىل مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەرىكە، مۇراسىم.
تويدا قۇشقاچمۇ تويىدۇ. تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار - تورقا كىيىپ بار. ھۇرۇنغا كۈندە توي، كۈندە ئوي. مۇسىبەت كۆڭۈلنى بۇزار، غەيۋەت ئۆيۈڭنى. توشقان ئۆلسە، تۈلكە ماتەم تۇتۇپتۇ. توي نەغمە - ناۋا بىلەن، مۇسىبەت يىغا - زار بىلەن. ھازىغا بارغان خوتۇن ئۆز يىغىسىنى يىغلار. توي - تۆكۈن بولۇپ تۇرسا، نەزىر - چىراق بولمىسا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىر كىمنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىلدۈرگەن تەزىيە، قايغۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىم، قارىلىق تۇتۇش قاتارلىقلار.
ھەممە ياقنى قىيا - چىيا، ماتەم يىغىسى قاپلاپتۇ.
قايغۇ، ھەسرەت.
سېنىڭ غەمگە گىرىپتار بولۇشۇڭ مېنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىق، پاراغەتكە چىقىشىڭ ماڭا ماتەم ئىدى.