Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماسارىك
دۇنيا تارىخى
马萨里克
mǎ sà lǐ kè
(1850 - 1937) چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1918 - 1933)، پەيلاسوپ. تۆمۈرچىگە شاگىرتبولغان. كېيىن ۋىئېن داشۆسى ۋە لېيپسىگ داشۆسىدە ئوقۇغان. 1882-يىلى پراگا داشۆسىدە پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. 1891-يىلى ئاۋسترىيە پارلامېنتىغا سايلىنىپ، ئىكى يىلدىن كېيىن ئىستېپا بېرىپ، داۋاملىق مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1900-يىلى چېخ خەلق پارتىيىسىنى قۇرغان (1905-يىلى چېخ تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىگە ئۆزەەرتىلگەن)، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا چېخ ئاپتونومىيىسىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، لوندوندا چېخنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1918-يىلى چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۆت قېتىم زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە تايىنىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان. 1835-يىلى ياشىنىپ قالغانلىقتىن خىزمەتتىن چېكىنگەن. ئۇنىڭ <ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى>، <رسىيە ۋە ياۋروپا>، <ماركسىزمنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسى ۋە سوتسىئولوگىيە ئاساسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار، <ئافىنا ئەدەبىيات - سەنئىتى>، <دەۋر> قاتارلىق كۆپ خىل ژۇرناللارنى چىقارغان.