Uyghur←ChineseMain Dictionary
مارىئۇس
دۇنيا تارىخى
马略
mǎ luè
(مىلادىدىن ئىلگىرى 157 -86) قەدىمكى رىمنىڭ سەركەردىسى. سىياسىي ئەرباب. ئارپىنۇم (ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جفيلاشقان) دىكى بىر ئاددىي پۇقرا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا، كىچىك سچىپىئونىڭ قول ئاستىدا نۇمەنتىيە (ئىسپانىيىدە) ئۇرۇشقا قاتناشقان. سېناتور(مىلادىدىن 119 يىل ئىلگىرى) ۋە سودىيە (مىلادىدىن 115-يىل ئىلگىرى) ھەم ئىسپانىيىنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان (مىلادىدىن 114 يىل ئىلگىرى). مىلادىدىن ئىلگىرىكى 107-يىلى تۇنجى دىكتاتور بولغان، ئىكىنچى يىلى قول ئاستىدىكى گېنېرال سۇلۇننى باشلاپ نۇمىدىيە (شىمالىي ئافرىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، جۇگودانى مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن 104-يىل ئىلگىرى يەنە بىرقېتىم دىكتاتور بولغان. ئاندىن گاللىيە )ھازىرقى فرانسىيىنىڭ تەۋەلىكى( نىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا نېمىسلار )تېيوتونلار، سېنبوللار( نىڭ تاجاۋۇزىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىي جگھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خەلق ئەسكىرى )دېھقان ئەسكىرى( ئېلىشنى ياللانما ئەسكەر ئېلىشقا ئۆزگەرتكەن؛ شتات، تەلىم - تەربىيە، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى قاتارلىق جگھەتلەردە مۇناسىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. بۇ ئىسلاھاتلار كېيىنكى رىم تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 103 يىل، 102-يىل، 101-يىل ۋە 100 يىل يىللاردايەنە ئۇدا تۆت قېتىم دىكتاتور بولۇپ، رىمدا ھەممىدىن ھوقۇق كۈچى بارلارغا ئايلىنىپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 100-يىلى دىكتاتور بولغان مەزگىلدە سېناتور ساتۇر نىنىئۇسنىڭ يەر قانۇنىنى قوللىغا، ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز ئۆرۈپ ئۇنى قوللىماي قويغان، رىتسارلار تەرەپدارلىرى ۋە ئاددىي پۇقرا تەرەپدارلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئاقسۆڭەكپەرەس سۇلۇنغا قارشى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنى جىددىي ئېلىپ بارغان. مىلادىدىن 88-يىل ئىلگىرى سۇلۇن رىم شەھىرىنى بېسىۋالغان، مارىئۇس ئافرىقىغا قېچىپ كەتكەن. مارىئۇسپەرەسلەر <ئورتاق دۈشمەن> دەپ قارىلىپ، كۆپلەپ قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن. كەينىدىنلا سۇلۇن قوشۇن تارتىپ شەرققە )مىتىرىدات ئۇرۇشى( يۈرۈش قىلغان. مارىئۇس بىلەن سىنتا رىم شەھىرىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغاندىن كېيىن سولۇنپەرەسلەرنى <ئورتاق دۈشمەن> دەپ جاكارلاپ، ھەدەپ ئىنتىقام ئالغان. مىلادىدىن 86 يىل ئىلگىرى مارىئوس 7-قېتىم دىكتاتور بولغان، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا كېسەل بىلەن ئۆلگەن، ئىكى تەرەپنىڭ كۈرىشى داۋاملىشىۋەرگەن.