Uyghur←ChineseMain Dictionary
مارىئو
دۇنيا تارىخى
马里奥
mǎ lǐ ào
(1) ئالبېرتو مارىئو (1825 - 1883). ئىتالىيىنىڭ گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى ئەرباب. ئىقتىسادشۇناس، 1848 - 1849-يىللاردىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان بولۇپ، ماززېنىنىڭ ئەگەشكۈچىسى. ماززېنىچىلار قاتناشقان بولۇپ، ماززېنىنىڭ ئەگەشكۈچىسى. ماززېنىچىلار باشقۇرغان كۆپ خىل گېزىت - ژۇرناللاردا ئۇزاق تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ماززېننىڭ مەخپىي پىلانىغا قاتناشقانلىقتىن، 1858-يىلى ۋە 1859-يىلى ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان. گارىبالدىنىڭ 1860-يىلدىكى يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ۋە 1866-يىلى رىمغا قىلىنغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا ئىتالىيە دېموكراتىك ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان. 1880-يىلدىن باشلاپ تەرەققىيپەرۋەر گېزىت - <دېموكراتىك ئىتتىپاق>نى نەشر قىلغان. (2) جېس. مېرىتون، خۋەئېت مارىئو (1823 - 1906) ئىتالىيىنىڭ گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى ئايال ئەرباب پرتسىمۇتتا تۇغۇلغان. 1857-يىلى ئا. مارىئو (كېيىن ئۇنىڭ ئېرى بولۇپ قالغان) بىلەن بىرلىكتە پىساكانا ئىنقىلابىي يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىشىغا قاتناشقانلىقتىن قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 1860-يىلى گارىبالدى قىزىل كۆڭلەكلىكلەر ئارمىيىسىگەقاتنىشىپ يىراققا يۈرۈش قىلىپ، سېستىرا بولۇپ ئىشلىگەن. 1866-يىلى گارىبالدى جۈنتۇەنىگە قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى جەڭ قىلغان. 1870-يىلى گارىبالدى بىلەن بىللە فرانسىيىگە بېرىپ، فرانسىيە خەلقىنىڭ پرۇسسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈرىشىگە ياردەم بەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.