Uyghur←ChineseMain Dictionary
مارمول
دۇنيا تارىخى
马莫尔
mǎ mò ěr
(1818 - 1871) ئارگېنتىنالىق شائىر، يازغۇچى. روساسنىڭ ئىتىبىداتلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. زالىم پادىشاھقا شېئىر ئارقىلىق لەنەت ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى <لەنەتچى شائىر> دەپ ئاتاشقان. قامالغان، كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ سەرگەردانبولغان، ئوراگۋايدا ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. روساس ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇنىڭ ئەسىرى رومانتىزملىق تۈس ئالغان. ئارگېنتىنا بويىچە تۇنجى رومان <ئامارىيە> ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ئىدى. بۇ روماندا بىر جۈپ قىز - يىگىتنىڭ مۇھەببەت تراگېدىيىسى ئارقىلىق روساس ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقىغا ھۇجۇم قىلىنغان. يەنە شېئىر تەرىقىسىدە يېزىلغان <شائىر> ۋە (ئەھلىسەلىپ) ناملىق تراگېدىيىلىرى، <زىيارەتچى> ناملىق داستانى ۋە <تىنچلىق ساداسى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار.