Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماركگراف
Domain: دۇنيا تارىخى藩侯
fān hóu
نېمىسچە Markgraf، گېرمانىيە فېئوداللىق دەۋرىدىكى ئۇنۋان. ئەسلى چارلىس ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرا رايونى (مارك) باشلىقى ئىدى. ئادەتتىكى يەرلىك باشلىق گرافقا قارىغاندا ئۇ تېخىمۇ كەڭ ھوقۇققا، بولۇپمۇ ھەربىي ھوقۇققا ئىگە بولغان. چارلىس ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن فرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ماركگرافلار ماركىزغا ئۆزگەرگەن. Ⅹ - ⅡⅩ ئەسىرلەردە گېرمانىيە فېئودال خاندانلىقى ئۆزى بېسىۋالغان سلاۋىيە رايونى ۋە باشقا رايونلاردا يېڭى چېگرا رايونى (مارك) تەسىس قىلىپ، ئۇنى باشقۇرۇشقا ماركگرافنى تەيىنلىگەن؛ كېيىن ئاۋسترىيە، براندېنبۇرگ، موراۋىيە قاتارلىق جايلاردىكى ماركگرافلار مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى دائىرىسىدىكى بەگلىككە ئايلاندى.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.