UyghurMain Dictionary
مارىيە كرىستىنا
دۇنيا تارىخى
(1806 - 1878) ئىسپانىيىنىڭ نائىب كورۇلىۋاسى (1833 - 1840). نېئاپولدا تۇغۇلغان. ئىكى سىتسلىيە كورۇلى فرانسېس 1 (1777 - 1830) نىڭ قىزى. 1829-يىلى فېردىناند بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. 1833-يىلى فېردىناند ئۆلۈپ كېتىپ، ئوغلى بولمىغانلىقتىن، ئۈچ ياشلىق چوڭ قىزى ئىسابېللانى تەختكە چىقىرىپ، ئۆزى نائىبلىق قىلغان. 1833 - 1839-يىلى كارلىسىس ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، بۇرژۇئازىيىنىڭ قوللىشى بىلەن لىبېرالىزملىق ئىسلاھاتنى يولغا قويغان. ئۇرۇش ئايغانلاشقاندىن كېيىن ئەكسىيەتچىل سىياسەت ئىجرا قىلغان. 1840-يىلى قوزغىلاڭ پارتلاپ، چەتكە كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1843-يىلى قوزغىلاڭ پارتلاپ، چەتكە كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1843-يىلى قايتىپ كەلگەن. ئىسابېلانىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكى جاكارلانغاندىن كېيىنمۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كەلگەن. 1854-يىلى يەنە ئىسپانىيە ئىنقىلابى پارتلاپ چەتكە چىقىپ كەتكەن، كېيىن فرانسىيىدە ئۆلگەن.
دۇنيا تارىخى
(1858 - 1929) ئىسپانىيىنىڭ نائىب كورۇلىۋاسى (1885 - 1902). كورۇل ئالفونسو 12 ئۆلگەندىن كېيىن نائىب بولغان. بەش ئاي ئۆتۈپ، ۋەلىئەھد ئالفونسو 13 نى تۇغقان. ئۇ نائىب بولغان مەزگىلدە ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى پارتلىغان، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئامېرىكىغا فىلىپپىن، گۇئام، پۇئېرتورىكو قاتارلىق مۇستەملىكىلىرىنى بۆلۈپ بەرگەن؛ كۇبامۇ شەكلەن مۇستەقىل بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچى دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋېلىنغان. 1902-يىلى ئالفونسو 13 بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن، ئۇ نائىبلىقىنى تاشلاپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.