Uyghur←ChineseMain Dictionary
مارىياتېچۇې
Domain: دۇنيا تارىخى马里亚特吉
mǎ lǐ yà tè jí
(1895 - 1930) پېرۇ سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، يازغۇچى. لىمادىكى نامرات خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئاخباراتچى بولغان، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ <خەۋەر گېزىتى>، <دەۋر گېزىتى>، <ئىداراك گېزىتى> دە خىزمەت قىلغان. 1918-يىلدىن باشلاپ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. 1919 - 1923-يىللىرى ياۋروپادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى ھىمايە قىلغان. پېرۇغا قايتقاندىن كېيىن 1924-يىلى <ئامېرىكا قىتئەسى ئىنقىلابى خەلق ئىتتىپاقى> غا قاتنىشىپ، كېيىن چېكىنىپ چىققان. 1928-يىلى پېرۇ سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ باش سېكرىتار بولغان، يەر ئىسلاھاتى پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پېرۇ پومېشچىكلىرى بىلەن چەت ئەل كاپىتالى ئىتتىپاقىنى پاچاقلاپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلغان، پېرۇنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى يەرنى ئىندىئانلاrغا تەقسىم قىلىپ بېرىش ۋە شەھەر ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت دەپ قارىغان. 1930-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىشتىن سەل ئىلگىرى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ئۇنىڭ (پېرۇنىڭ رېئاللىقى توغرىسىدىكى يەتتە پارچە ماقالە< قاتارلىق ئەسەرلىرى بار
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.