Uyghur←ChineseMain Dictionary
مارافون جېڭى
دۇنيا تارىخى
马拉松战役
mǎ lā sōng zhàn yì
گرېتسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشىدىكى بىر قېتىملىق جەڭ. مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە گېنىرالى دانىس تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، 600 جەڭ كېمىسى بىەن ئائېگېئان دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، ئېئوبېئا ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كىچىك شەھەر ئېرېترىيەنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ۋەيران قىلىپ تاشلىغان. پارسلار قوشۇن بىلەن كېلىۋاتقان سابىق ئافىنانىڭ ساختا باشلىقى (جېنىدىن تويغان پارس) ھىپپىيانىڭ كۆرسەتكەن تەدبىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئافىنانىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى مارافون تۈزلەڭلىكىدە قۇرۇقلۇققا چىققان. ئافىنا سپارتاكتىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رەت قىلىنغان. مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى (بەزىلەر 21 - كۈنى دەپ ھېسابلايدۇ). ئافىنانىڭ 10 مىڭ ئەسكىرىي ھەمدە پلاتانىڭ 1000 كىشىلىك ياردەمچى قوشۇنى پېرسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان. ئافىنانىڭ قوماندانى مىلتىيادېس پارسلارنىڭ ئوتتورا قىسمىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئادەتلەنگەنلىك تاكتىكىسىغا ئاساسەن، ئىككى تەرەپتىن قورشاپ يوقىتىش تاكىتىكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىپ، ئۇرۇش سېپى ئىمكان قەدەر ئۇزارتىپ، گرېتسىيىنىڭ خىل ئەسكەرلىرىنى ئىككى قاناتقا ئۇرۇنلاشتۇرۇ، پېرسىيە قوشۇنى ئوتتۇرغا ھۇجۇم قىلغاندا، گرېتسىيەنىڭ ئوتتۇرا قوشۇنى (ئاجىز ئەسكەرلەر) دەرھال چېكىنىپ، بىر ۋاقىتتا ئىككى قاناتتكى خىل ئەسكەرلەر تېزلىكتە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى قورشاپ يوقاتقان. گرېكلار دۆلەت زېمىنىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدا جەڭ قىلىپ ئاخىر غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. پېرسىيە تەرەپتىن ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جەڭدە ئۆلگەن. ئافىنا تەرەپتىن پەقەت 192 ئادەم سەپتە ئۆلگەن. كېيىن پېرسىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىققان. بۇ قېتىمقى جەڭ گرېتسىيىلىكلەرنىڭ پېرسىيىگە تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن.