ماقال-تەمسىل[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ماقال ۋە تەمسىل يەنى خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش بىلىملىرى ئارقىلىق شەكىللەنگەن قىممەتلىك ئوي-پىكىرلىرى ئىپادىلەنگەن تۇراقلىق جۈملە ياكى ئىبارە. ماقالدا ئوي-پىكىر مەنىلىك سۆز، جۈملىلەر ئارقىلىق بىۋاسىتە، ئۇدۇل ئىپادىلىنىدۇ. تەمسىلدە بولسا تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ھادىسىلەر، كىشىلەردىكى ياخشى يامان خۇسۇسىيەتلەر ھايۋانات، ئۇچارقانات ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە، قىلىقلىرىغا تەقلىد قىلىنىش، ئوخشىتىلىش ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ.