UyghurMain Dictionary
ماڭقا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇرۇن پەردىسى چىقارغان سۇيۇقلۇق.
<ماڭقا> يەنە ماڭقىسى كۆپ ۋە ئېقىپ تۇرىدىغان كىشىگىمۇ ئېيتىلىدۇ. <گاجاڭ> غۇلجا شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ماڭقا تازىلاپ تۇرۇلمىسا، بۇزۇن كېسەللىكى پەيدا قىلىدۇ. سېيىت ماڭقا <غۇنچەم> دارامىسىدىكى بايۋەچچىنىڭ ئوبرازى. مىشقىرىقنى كىشى ئالدىدا مىشقىرىش سەت قىلىق. پوتلاڭنى ئېقىتماي، نېرى كەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇرۇندىن چىققان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق؛ پوتلا.
ئېقىۋاتقان تەر ۋە ماڭقىلىرىنى ئېڭىشىپ تۇرۇپ تىزىغا سۈرتۈشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى.
بۇرنىدىن مۇشۇنداق سۇيۇقلۇق چىقىپ تۇرىدىغان كىشى (كەمسىتىپ ئېيتىلىدۇ).
- كلاپاننىڭ ئىككىسى چۈشۈپ كېتىپتۇ، بۇ ماڭقا بايقىماي ھەيدەۋېرىپتۇ، - دېدى ئۇ تراكتورنى تەكشۈرۈپ غەزەبلىنىپ.