Chinese→UyghurMain Dictionary
毛勒维.艾哈迈德
دۇنيا تارىخى
مەۋلىۋى ئەخمەد
1857 -يىلدىكى ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىنىڭ داھىيىلىرىدىن بىرى. ئودېر شتاتىنىڭ مەركىزى لۇكنوۋنىڭ تەئەلۇقدارى (ئىككىنچى پومېشچىك). ئىسلام دىنىدىكى ۋاھابىيلەردىن. 1856-يىلى ئودېر ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغاندىن كېيىن، دېھلى، مىرات، پاتنا ۋە كالكۇنتا قاتارلىق جايلاردا خەلقنى ئەنگلىيىگەقارشى غازات قىلىشقا چاقىرغان. قوزغىلاڭچىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغنا چەلپەك (<چوپاتتى>) پىلانىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. قوزغىلاڭ ھارپىسىدا قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن خەتەردىن قۇتۇلغان ۋە كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1858-يىلى 3-ئايدا لوكىنو قولدىن كەتكەندىن كېيىن، رو شىركەتتە داۋاملىق كۈرەش قىلغان. 6-ئايدا پاۋان فېئودال ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.